جېننىس قامۇسىدىن جەۋھەرلەر
بەتنى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
تەنتەربىيە  مائارىپ   مەدەنىيەت   پەن-تېخنىكا   ئىقتىساد   خەۋەر مەركىزى
توردىكى رادىيو  غەلىتە ئىشلار   كوچا پاراڭلىرى   ئەدەبىيات   قانۇن ۋە دېلو   سۈرەت ئامبىرى
مەخسۇس سەھىپە  ۋىدېيو   فىلىملەر   تارىختىكى بۈگۈن   گۈلىستان   ماتېرىيال
  باش بەت>>تەنتەربىيە>>ئاجايىپ تەنتەربىيە         
 
جېننىس قامۇسىدىن جەۋھەرلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-27 12:10

 

«جېننىس دۇنيا رىكورتى» باتۇرلارنىڭ ۋە ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە ئادەملەر كاراىتىنى نامايەن قىلىدىغان مەيدان. بۈگۈن بىز سىلەرگە ئەنە شۇنداق كارامەتلىك كىشىلەردىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرىمىز:

كېۋىن فەست ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى 30 مېتىردىن ئارتۇق سۆېەپ، دۇنيا جېننىس رىكورتى قامۇسىغا «ئەڭ ئېغىر ئاپتوموبىلنى سۆرەپ ماڭالايدىغان ئادەم» دىگەن نام بىلەن كىردى.

پۇتىڭىزغا غەۋۋاسلارنىڭ ئايىغىنى كىيىپ بارىل ئاتلاپ يۈگۈرۈشنى بەلكىم بىر ئاز قاملاشتۇرالىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما يېڭى زىللاندىيەلىك ۋېرونىكا تور شۇ خىل ئاياغتا، 18.52 سىكونت نەتىجە بىلەن 100 مېتىرغا بارىلدىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش رىكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

تىلىمىز تارتىلىپ كەتسە بەكلا بىئارام بولىمىز، بولۇپمۇ بۇنى قىش كۈنلىرى تىلى تۆمۈرگە چاپلىشىپ باققانلار بەك بىلىدۇ. ئەمما توماس تىلى بىلەن ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ جېننىس دۇنيا رىكورتىنى ياراتتى.

ۋېلسىپىت مىنىش كۆڭۈللۈك ھەركەت، ئەمما سىزنىڭ ۋېتتورىئوغا ئوخشاش چوڭقۇر سۇ ئاستىدا ۋېلسىپىت مىنىپ جېننىس رىكورتى يارىتىشىڭىز تەسكە توختىشى مۇمكىن.

ناتاشا ۋېروشكا بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە شەمشەرنى ئاغزىغا سېلىپ رىكورتىنى يېڭىلىدى

تۈركىيەلىك ئىلكېر يىلماز ئاغزىدىكى سۈتنى كۆزى بىلەن پۈركۈپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىنى ھازىرغىچە باشقىلار يېڭىلاپ باقمىدى.

فرانك سىمون چىشى بىلەن ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رىكورتىنىڭ ياراتقۇچىسى.

داررېن تايلور جۇڭگونىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۈ شەھىرىدە 11.2 مېتىر ئىگىزلىكتىن 30 سانتېمىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۈنئىي كۆلچەككە سەكرەپ، ئېگىزلىكتىن تېيىز سۇغا سەكرەش رىكورتىنى يېڭىلىدى


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
 مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 
 قىزىق نۇقتا
 
ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
پەن تېخنىكا
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
 
غەلىتە ئىشلار 
 
كوچا پاراڭلىرى 
 
ئەدەبىي ئەسەرلەر 
   
ئېلان مۇلازىمىتى نەشر ھوقۇقى FM MW SW پېشقەدەملەر مېھنەتكەشلەر تورىمىز چاستوتىمىز ئىستانسىمىز
:ئۇيغۇرچە ئاخبارات تورلىرى        :(مۇھىم ئاخبارات تورلىرى  (خەنزۇچە      :(مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتلىرى  (خەنزۇچە
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى | جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى | جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى | ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى | ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى | دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى | دۆلەتلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى
     
ئادرېس: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى فۇشىڭمېن تاشقى كوچىسى 2-قورۇ
تېلېفون:86097477-010  فاكس:68045504-010  پوچتا نومۇرى:100866  uy@cnr.cn:ئېلخەت
网上传播视听节目许可证号 0102002 中央人民广播电台版权所有(C) 京ICP备05065762号