باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

سۇئارىس ئېغىر جازالاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-06-27 15:26

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رىئودى ژانىرو ۋاقتى پەيشەنبە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئىنتىزام كومىتېتى ئۇرۇگۋاي بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەچىسىنىڭ مۈرىسىنى چىشلىۋالغان ئۇرۇگۋاي ھۇجۇمچىسى سۇئارىسقا توققۇز مەيدان مۇسابىقە ئوينىماسلىق ۋە تۆت ئاي ھېچقانداق پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتكە قاتناشماسلىق جازاسى بەرگەن. بۇ سۇئارىسنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قالغان مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: سۇئارىس خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىنتىزام ماددىسىنىڭ 48-باب 1-پارچىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر، شۇنداقلا 57-بابتىكى پۇتبولچىنىڭ تەنتەربىيە قىلمىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىپادىسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، توققۇز مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ. بۇ 28-ئىيۇندىكى كولومبىيە بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدىن باشلىنىدۇ. سۇئارىسقا ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 695 مىڭ خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ باشلىقى كېلاۋدىئو سارسېر مۇنداق دېدى: بەزى قىلمىشلارغا ھەرقانداق پۇتبول مەيدانىدا سەۋر قىلغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، شۇنى بىلىش كېرەككى، نەچچە مىليون كىشىنىڭ كۆزى مەيداندىكى ماھىرلاردا بولىدۇ. خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئىنتىزام كومىتېتى بۇ دېلودىكى بارلىق ئامىللار، شۇنداقلا ئالاقىدار ماددىلارغا ئاساسەن سۇئارىس ئەپەندىنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتىنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا ئۇنىۋېرسال ئويلىشىدۇ. بۇ قارار جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغان ھامان ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻