باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-06-27 15:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئىيۇن ئۈرۈمچى خەۋىرى:

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 27-ئىيۇنغىچە جەمئىي 48 مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، 15 كۈنلۈك كەسكىن ئېلىشىش ئارقىسىدا ئامېرىكا قىتئەسىدىن 8 دۆلەت، ياۋروپا قىتئەسىدىن ئالتە كوماندا، ئافرىقا قىتئەسىدىن ئىككى كوماندا يەنى برازىلىيە، مېكسىكا، گوللاندىيە، چىلى، كولومبىيە، گرىتسىيە، كوستارىكا، ئۇرۇگۋاي، فرانسىيە، شۋىتسارىيە، ئارگېنتىنا، نېگىرىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، بېلگىيە، ئالجىرىيەدىن ئىبارەت دۆلەتلەر 16 كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 48 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىنكى نەتىجىلەر دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىنتايىن ئەپسۇس ھالدا شاللىنىش تەقدىرىگە دۇچ كەلدى، يەنە نۇرغۇن ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قىتئەسىدىن سەككىز كوماندىنىڭ ئىپادىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. 48 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 136 توپ كىردى، 16 كۈچلۈككە كىرگەن دۆلەتلەردىن گوللاندىيە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزدى (ئون توپ)، مېكسىكا ئەڭ ئاز توپ يېدى (بىر توپ). ئۇرۇگۋايغا ئەڭ كۆپ كارتا بېرىلگەن كوماندا بولدى، فرانسىيەنىڭ ۋاراتارغا توپ ئۇرۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 1792 قېتىم، ئالجىرىيە ئەركىن توپ ئارقىلىق ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن دۆلەت بولۇپ، جەمئىي ئۈچ توپ كىرگۈزدى، ئارگېنتىنانىڭ بۇلۇڭ توپ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 24 قېتىم بولدى، ئىراننىڭ توپنى ئوڭۇشلۇق تالىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 92 قېتىم بولدى، فرانسىيەنىڭ ئىككى ياندىن ۋاراتار ئالدىغا توپ تاشلاش قېتىم سانى 80 بولۇپ، ئەڭ كۆپ. ئىتالىيەنىڭ (ئوفسايد) مۇداپىئەچىنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىش سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۈچ مەيداندا جەمئىي 21 قېتىم، ئۇرۇگۋايغا بېرىلگەن كارتا سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئالتە سېرىق كارتا، بىر قىزىل كارتا بولدى. ئەپسۇس بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا ئاسىيا قىتئەسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ئاۋسترالىيە، كورىيە، ياپونىيە، ئىراندىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماي شاللىنىپ كەتتى. گېرمانىيەدىن مۇللېر، ئارگېنتىنادىن مېسسى، برازىلىيەدىن نېيمار ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي تۆت توپ كىرگۈزۈپ، ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچىلەر بولۇپ قالدى. مۇسابىقە بۈگۈن بىر كۈن توختىتىلىپ، ئەتىدىن باشلاپ تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە قەدەم قويۇلىدۇ. سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى تۆۋەندىكىدەك: (ئۈرۈمچى ۋاقتى ئىشلىتىلدى)

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻