باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 29-ئىيۇن مۇسابىقە نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-06-30 14:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇن ئۈرۈمچى خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 29-ئىيۇن سەھەر سائەت 0:00 ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسىنىڭ 1-مەيدان مۇسابىقىسىدا، برازىلىيە كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىشىپ چىلىنى 3:4 يەڭدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى داۋىد لۇئىس بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىلى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سانچېس برازىلىيەنىڭ قول توپ ئېتىشتىكى خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. كېيىنكى مۇسابىقە ۋاقىتلىرىدا ئىككىلا تەرەپ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتلەرنى كەتكۈزىۋەتتى، 120 مىنۇتتا ئىككى تەرەپ 1:1 تەڭلىشىپ قالدى ۋە نۇقتا توپ تېپىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئەڭ ئاخىرقى توپنى نېيمار سالماقلىق بىلەن كىرگۈزدى، چىلى ماھىرى خالا ئوڭ تەرەپتىكى گارغا تەككۈزۈپ كىرگۈزەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن برازىلىيە كوماندىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻