باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 30-ئىيۇن مۇسابىقە نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-06-30 14:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئىيۇن ئۈرۈمچى خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 30-ئىيۇن سەھەر سائەت 0:00 ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسىنىڭ 3-مەيدان مۇسابىقىسىدا، گوللاندىيە كوماندىسى مېكسىكا كوماندىسىنى 1:2 يەڭدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىكى يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق ھاۋادا ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا توپ كىرگۈزەلمىدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ماھىرى دوس سانتوس 18 قەدەم سىرتىدىن ئۇشتۇمتۇت ۋاراتارغا توپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى، گوللاندىيە مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دېگەندە كۈچەپ ئويناپ، بىر مەيدان قايتۇرما ھۇجۇم دولقۇنى قوزغىدى ۋە سىنېيدېر بىلەن خانتېلارنىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى ئارقىسىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻