باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئىيۇل مۇسابىقە نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-07-02 10:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئىيۇل ئۈرۈمچى خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئىيۇل سەھەر سائەت 0:00 ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسىنىڭ 7-مەيدان مۇسابىقىسىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسى شۋىتسارىيە كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى. ئىككى كوماندا جەمئىي 120 مىنۇت تىركىشىپ، تاكى قوشۇلما ۋاقىت مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىغا كەلگەندە ئاندىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى مېسسى شۋىتسارىيەنىڭ قاتمۇقات مۇداپىئەسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، دىمارىياغا ھۇجۇم پاسى بېرىپ بىر توپ كىرگۈزدى ۋە شۋىتسارىيەنى 0:1 يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈككە كىردى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻