باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئىيۇل مۇسابىقە نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-07-07 14:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئىيۇل ئۈرۈمچى خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئىيۇل سەھەر سائەت 0:00 ئۆتكۈزۈلگەن تۆت كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسىنىڭ 1-مەيدان مۇسابىقىسىدا، گېرمانىيە كوماندىسى فرانسىيە كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى. گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى خۇمېلس ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئەركىن توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر توپ ئۈسۈپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتارىغا توپ كىرگۈزدى. ئارقىدىن فرانسىيە شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا نەتىجىسى بولمىدى. گېرمانىيە ئۇدا تۆت نۆۋەت تۆت كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻