باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

گېرمانىيە چېمپىيون بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-07-14 16:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 14-ئىيۇل سەھەر سائەت 3:00 دە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى برازىلىيە رىئودى ژانىرو شەھىرىدىكى مالاكانا پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن 18 مىنۇتلۇق يېپىلىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى، مۇراسىمدا شاكىرا قاتارلىق دۇنياۋىي ناخشا چولپانلىرى نومۇر كۆرسىتىپ مەيداننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، مۇسابىقىگە دۇنيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بلاتتېر، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پۇرادىنى، ساھىبخان دۆلەت برازىلىيەنىڭ پىرېزىدېنتى روسسېلف، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنتى پۇتىن قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. ئىتالىيەلىك باش رېپىر رىزوللىنىڭ پۈشتەك چېلىشى بىلەن گېرمانىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتتى، ئىككىلا تەرەپ 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ۋاقتىدا ئېرىشكەن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، توپ ئۇرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن قوشۇلما مۇسابىقە ۋاقتى باشلاندى، مۇسابىقە 113-مىنۇتقا كەلگەندە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 19-نومۇرى گوتزې قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتى ئارقىلىق بىر توپ ئۇردى ۋە گېرمانىيە بۇ نەتىجىنى مۇسابىقە ئاخىرلاشتۇرغىچە ساقلاپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. ئاخىرىدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى، ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتى گېرمانىيە ۋاراتارى نويىلغا، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئارگېتىنا ھۇجۇمچىسى مېسسىغا بېرىلدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
体育图片新闻