باش بەت<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

گېرمانىيە چېمپىيون بولۇپ، تۆت ئۆزگىرىش ياسىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-07-15 16:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە 1954-، 1974-، 1990-يىلدىن كېيىنكى 4-قېتىم چېمپىيون بولدى. «رەسىملىك خەۋەرلەر» گېزىتى گېرمانىيەنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: 1. پۇتبول كىيمىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇرۇنقى ئۈچ قېتىملىق دۇنيا چېمپىيونىنى ئىپادىلەيدىغان ئۈچ يۇلتۇز ھازىر تۆت يۇلتۇزغا ئۆزگەردى. 2. تۇنجى قېتىم قىتئەلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقە 2017-يىلى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 3. گېرمانىيە پۇتبۇل كېڭىشىدىكى ئۆزگىرىش. بۇ كېڭەش ئىشلىتىدىغان قەغەز ۋە تور بېكىتىگە تۆت يۇلتۇز بېسىلدى. 4. ئىتالىيە بىلەن باراۋەر بولدى. تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇپ ئىتالىيە بىلەن چېمپىيون سانى تەڭ بولدى. بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بەش يۇلتۇزلۇق برازىلىيە.

 

كېيىنكىسى
体育图片新闻