亘丕卮 亘蹠鬲<<تەنتەربىيە<<سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-10-22 10:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 22-ئۆكتەبىر سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا 3-ئايلانمىسىنىڭ سەككىز مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە نەتىجىلىرى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ، كۈچلۈك كوماندىلار يەنىلا رەقىبلىرىنى يەڭدى ياكى ئۇلار بىلەن تەڭلەشتى. موسكىۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 2:2 تەڭلەشتى، رىم كوماندىسى بايرېن ميۇنخېن كوماندىسىغا 7:1 يېڭىلدى، گرىكلار ماھارەت كوماندىسى پارىژ ساينت گېرمانىيان كوماندىسىغا 1:0 يېڭىلدى، چېلسى كوماندىسى بورىسوۋ كوماندىسىنى 0:6 يەڭدى، گېلېنكىرچېن شالكى 04 كوماندىسى لىسبون ماھارەت كوماندىسىنى 3:4 يەڭدى، پورتو كوماندىسى بىلبائو ماھارەت كوماندىسىنى 1:2 يەڭدى، بورىسوۋ كوماندىسى شاختار دونېتسىك كوماندىسىغا 7:0 يېڭىلدى، بارسېلونا كوماندىسى ئاجاكىس كوماندىسىنى 1:3 يەڭدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
体育图片新闻