باش بەت>>تەنتەربىيە>>سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-11-05 21:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-نويابىر سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا 4-ئايلانمىسىنىڭ سەككىز مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە نەتىجىلىرى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ، كۈچلۈك كوماندىلار يەنىلا رەقىبلىرىنى يەڭدى ياكى ئۇلار بىلەن تەڭلەشتى. خانلىق مادىرىد كوماندىسى لىۋېرپول كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، مالمو كوماندىسى مادىرىد ماھارەت كوماندىسىغا 2:0 يېڭىلدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئولىمپىياكوس كوماندىسىنى 2:3 يەڭدى، باسېل كوماندىسى لۇدوگورېتىس رازگراد كوماندىسىنى 0:4 يەڭدى، بېنفىكا كوماندىسى موناكو كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، دورتموند كوماندىسى گالاتا ساراي كوماندىسىنى 1:4 يەڭدى، ئارسېنال كوماندىسى ئاندېرلېنچ كوماندىسى بىلەن 3:3 تەڭلىشىپ قالدى، زېنىت كوماندىسى لوۋېركۇسېن كوماندىسىغا 2:1 يېڭىلىپ قالدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر