باش بەت>>تەنتەربىيە>>سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-11-26 19:06

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 26-نويابىر سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا 5-ئايلانمىسىنىڭ سەككىز مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە نەتىجىلىرى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ، كۈچلۈك كوماندىلار يەنىلا رەقىبلىرىنى يەڭدى ياكى ئۇلار بىلەن تەڭلەشتى. گېلېنكىرچېن شالكى 04 كوماندىسى چېلسى كوماندىسىغا 5:0 يېڭىلىپ قالدى، شاختار دونېتسىك كوماندىسى بىلبائو ماھارەت كوماندىسىغا 1:0 يېڭىلىپ قالدى، بورىسوۋ كوماندىسى پورتو كوماندىسىغا 3:0 يېڭىلىپ قالدى، موسكىۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى رىم كوماندىسى بىلەن 1:1 تەڭلەشتى، پارىژ ساينت گېرمانىيان كوماندىسى ئاجاكىس كوماندىسىنى 1:3 يەڭدى، مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بايرېن ميۇنخېن كوماندىسىنى 2:3 يەڭدى، گرىكلار ماھارەت كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسىغا 4:0 يېڭىلىپ قالدى، لىسبون ماھارەت كوماندىسى مارىبور كوماندىسىنى 1:3 يەڭدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر