باش بەت>>تەنتەربىيە>>سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-01-13 09:52

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 9-يانۋار، 2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئاۋسترالىيەدە باشلاندى. تۇنجى مەيدان ئاۋسترالىيە كوماندىسى كۇۋەيت كوماندىسىنى 1:4 يەڭگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى 10-يانۋار، جۇڭگو پۇتبۇل كوماندىسى برىسبەيندا سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 61 مىنۇت بولغاندا جۇڭگو ۋاراتارى ۋاڭ دالېي قارشى تەرەپ تەپكەن نۇقتا توپنى توساپ چىقىرىۋەتتى، 81 مىنۇتتا يۈ خەي ئەركىن توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى، جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنى 0:1 يەڭدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنى يېڭىشى، يەنە 18 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم قارشتى تەرەپنى مەغلۇب قىلىشى.

10-يانۋار، كورىيە كوماندىسى ئومان كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، ئۆزبېكىستان كوماندىسى چاۋشيەن كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى. 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسى قاتار كوماندىسىنى 1:4 يەڭدى. 11-يانۋار كەچتە ئىران كوماندىسى بەھرەيىن كوماندىسىنى 0:2 يەڭدى. 12-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ياپونىيە كوماندىسى بۇ مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان پەلەستىن كوماندىسىنى 0:4 يەڭدى. 12-يانۋار كەچتە، ئىراق كوماندىسى ئىئوردانىيە كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر