باش بەت>>تەنتەربىيە>>سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئىككىنچى باسقۇچ گۇرۇپپا مۇسابىقە نەتىجىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-01-15 09:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 14-يانۋار، 2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى 7-كۈنىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو كوماندىسى ئۆزبېكىستان كوماندىسى بىلەن كىچىك گۇرۇپپىدىكى 2-باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى ئوينىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۆزبېكىستان كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالدى، جۇڭگو كوماندىسى قايتا غەيرەتكە كېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇردى ۋە گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ، شاللانما مۇسابىقىگە كىردى.

ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسى چاۋشيەن كوماندىسىنى 1:4 يەڭدى، ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە كورىيە كوماندىسى كۇۋەيت كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، ئاۋسترالىيە كوماندىسى ئومان كوماندىسىنى 0:4 يەڭدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر