باش بەت>>تەنتەربىيە>>سۈرەتلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ياۋروپا كۇلۇبلىرى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 22-ئاپرېلدىكى نەتىجىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-04-23 14:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 22-ئاپرېل سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسى 3-مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بايرېن ميۇنخېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا پورتو كوماندىسىنى 1:6 يەڭدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 27 مىنۇت ئىچىدە بايرېن ميۇنخېن كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. مۇسابىقىدە لېۋاندوۋىسكى بىلەن مۇللېر ئىككى توپ، تىياگو بىر توپ، بوئاتېن بىر توپ كىرگۈزدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن بايرېن ميۇنخېن كوماندىسى 4:7 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن پورتۇ كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا پارىژ ساينت گېرمانىيان كوماندىسىنى 0:2 يەڭدى. مۇسابىقىدە نېيمار ئىككى توپ كىرگۈزدى، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسى 1:5 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن پارىژ ساينت گېرمانىيان كوماندىسىنى شاللىۋەتتى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر