خارگىرېۋېس: دىبالا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېھتىياجلىق توپچى
0
2017-05-03 16:58:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق توپچىسى خارگىرېۋېس يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇۋېلىش نىشانىنى گىرېزماندىن دىبالاغا يۆتكىشى لازىملىقىنى، دىبالانىڭ دەل مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېھتىياجلىق توپچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ پەسىل دىبالانىڭ يۇۋېنتۇستىكى ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلى، ئۇ بۇ پەسىلدە ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە يۇۋېنتۇس ئۈچۈن 17 توپ كىرگۈزۈپ، 7 ياردەمچى پاس بەردى.

يېقىندا نۇرغۇنلىغان داڭلىق مەرگەنلەر مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن باغلىنىپ قالدى، ئىبراھىموۋىچنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى بىلەن بۇ تۈردىكى خەۋەرلەر تېخىمۇ كۆپەيدى، گىرېزمان دەل بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. گەرچە گىرېزماننىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن بولغان توختامىدا 100 مىليون ياۋرولۇق توختامنى بىكار قىلىش ماددىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ مانچېستېر بىرلەشمسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىنى سۇسلىتالمىدى، ئۇلار بەلكىم 100 مىليون ياۋرونى بىۋاستە تۆلەپ بېرىش ئارقىلىق بۇ فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچىنى كونا تىراففوردقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

لېكىن خارگىرېۋېسنىڭ نەزىرىدە دىبالا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق توپچى بولۇپ، ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ نەزىرىنى گىرېزماندىن دىبالاغا ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. گەرچە دىبالا تېخى يېقىندىلا يۇۋېنتۇس بىلەن بەش يىللىق يېڭى توختام ئىمزالىغان بولسىمۇ، ېلكىن باھا مۇۋاپىق بولسىلا، يۇۋېنتۇس بۇ توپچىنى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن.

خارگىرېۋېس: «توپچى قوشۇۋېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ نام ئاتىقىغىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ كوماندا ئېھتىياجلىق توپچىمۇ ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك، مېنىڭچە دىبالا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن دەل مۇشۇنداق توپچى».

«ھازىر ھەممەيلەن گىرېزمان توغرۇلۇق بەس مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ، گىرېزمان ھەقىقەتەن قالتىس توپچى، لېكىن دىبالانىڭ يېشى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك. ئەگەر دىبالا ھازىر تېخى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان سانالمىغان تەقدىردىمۇ، كەلگۈسىدە ئۇ چوقۇم مۇشۇ دەرىجىدىكى توپچى بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. ئىبراھىموۋىچ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ تەسىر كۈچىنى ئېلىپ كەلدى، مېنىڭچە دىبالامۇ شۇنداق قىلالايدۇ».

 

1120901490_14936817873031n.jpg
20170501215454261.jpg
00241dafb4951a720dc507.jpg