خانلىق مادرىد موراتا ئۈچۈن 90 مىليونلۇق يۆتكىلىش باھاسى بېكىتتى
0
2017-06-15 17:37:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خان مادرىد موراتا ئۈچۈن 90 مىليونلۇق يۆتكىلىش باھاسى بېكىتكەن.

يېقىندىن بېرى خەۋەرلەردە، موراتا ئۆزىنىڭ خانلىق مادىرىدتىكى ئەھۋالىدىن ئىنتايىن نارازىلىق ھېس قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ يىل يازدا كۇلۇبتىن ئايرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئېگىلىنىشىچە، مانچېستىر بىرلەشمىسى، چېلسى ۋە مىلان قاتارلىق كۇلۇبلار موراتاغا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن.

ئىتالىيە ئەنسا گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خانلىق مادىرىد موراتا ئۈچۈن 90 مىليونلۇق يۆتكىلىش باھاسى بېكىتكەن، ھەمدە موراتانى قولدىن چىقىرىشقا ئۇنچە ئالدىرىمىغان، چۈنكى ئۇلار پۇلغا ئانچە ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىكەن، بۇ يىللىق يۆتكىلىش كۆزنىكىمۇ ئەمدىلا باشلانغاچقا، خانلىق مادىرىد موراتانى ئۇنچە ئالدىراپ سېتىۋېتىشنى خالىمىغان. ئەگەر بىرەر كۇلۇب موراتانى كىرگۈزۈشنى خالىسا، چوقۇم 90 مىليون ياۋرو تۆلىشى كېرەك.

24 ياشلىق موراتا 16/17 مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادىرىدقا ۋاكالىتەن چۈشكەن 41 مەيدان مۇسابىقىىگە چۈشكەن، لېكىن ئاران 19 مەيداندىلا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن، ھەمدە 20 توپ ئۇرۇپ، 5 پاس چىقارغان.