تيەنجىن يىلى 1-1 جياڭسۇ سۇنىڭ
0
2017-07-16 15:16:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن 5:35 دە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى بالدۇر باشلانغان بىر مەيدان مۇسابىقە دەرىجە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭلىق ئۇيغۇر توپچى مىرئەخمەتجان توپ تېپىۋاتقان تيەنجىن يىلى ساھىبخان مەيدانىدا 1-1 جياڭسۇ سۇنىڭ بىلەن تەڭلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 13-مىنۇتتا جياڭسۇ سۇنىڭ كاپىتانى ۋۇشى يارىلىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى. 51-مىنۇتتا تيەنجىن يىلىنىڭ چەت ئەللىك توپچىسى دىيانې نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدى، 54-مىنۇتتا گۇدېلى سولدىن پاس چىقاردى، ساۋ ياڭ كاللا توپ كىرگۈزدى. 94-مىنۇتتا گاۋدى ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى تارتىۋېلىپ سەبدىشىغا توپنى چىرايلىق ئىتىرىپ بەردى، مارتىنېز توپنى قاپقىغا تاقلىتىپ ئۇرىۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كوماندا 1-1 بولۇپ تەڭلەشتى.