چېلسى كۇلۇبى باكايوكونى رەسمىي قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
0
2017-07-16 15:19:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن چېلسى كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق، كۇلۇبنىڭ موناكو ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى باكايوكونى رەسمىي ھالدا كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئىككى تەرەپ مۇددىتى 5 يىللىق توختام تۈزگەن، ئىتالىيەلىك داڭلىق يۆتكىلىش مۇلاھىزىچىسى دىمارزىيونىڭ دېيىشىچە، چېلسى كۇلۇبى 37 مىليون فوندستېرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى تۆلىگەن. بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن باكايوكونىڭ مەيداندىكى ئورنى، مۇداپىئە خاراكتىرلىق ئوتتۇرا مەيدان بولۇپ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، موناكو كوماندىسى ئۈچۈن 47 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 3 توپ كىرگۈزۈپ، 1 ياردەم پاس چىقارغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدە 32 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 2 توپ كىرگۈزۈپ، 1 ياردەم پاس چىقارغان. 2016-2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە باكايوكو، موناكو كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە، موناكو كوماندىسىنىڭ فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى ھەم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ 4 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىشىگە تۆھپە قوشقان.