بارسېلونا كۇلۇبى ئۈچ يىل ئىچىدە مۇداپىئە سېپىگە 139 مىليون ياۋرو خەجلىدى
0
2017-07-16 15:21:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى» بارسېلونا كۇلۇبى يېقىندا قوشۇۋالغان بېك سېمېدودىن كېيىن، بارسېلونانىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان مۇداپىئە سېپىگە جەمئى 8 بېكنى قوشۇۋالغانلىقىنى، بۇلار ئۈچۈن 139 مىليون ياۋرو پۇل خەجلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

2014-يىلى يازدا بارسېلونا كۇلۇبى ماتىھو، ۋېرمالېن، دوگلاستىن ئىبارەت ئۈچ بېكنى قوشۇۋالغان، ئۇلارنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىليون ياۋرو، 29 مىليون ياۋرو، 4 مىليون ياۋرو بولغان. ئەمما 3 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يېڭى مەشقاۋۇلنىڭ پىلانى ئىچىگە كىرەلمىگەن. ماتىھونىڭ پورتۇگالىيەگە كەتكىنىدىن باشقا قالغان ئىككى بېكمۇ مۇشۇ يازدا بەلكىم كۇلۇب تەرەپتىن سېتىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

2015-يىلى بارسېلونا يۆتكىلىش بازىرىدا جازاغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا سېۋىللا كوماندىسىدىن ۋىدالنى 19 مىليون ياۋرو باھادا كوماندىغا قوشۇۋالغان. ئۆتكەن يىلى يازدا بارسېلونا كۇلۇبى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 مىليون ياۋرو ۋە 16 مىليون ياۋرو خەجلەپ، فىرانسىيە بېكى ئۇمتىتى بىلەن دىگنېنى قوشۇۋالدى، ئۇمتىتى بارسېلونادا ناھايىتى ئۇتۇق قازىنىپ، كوماندا ئىچىدىكى بىر چولپانغا ئايلاندى. ئەمما دىگنېنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى. بۇ يىل يازدا بارسېلونا كوماندىسى 6 مىليون ياۋرو باھادا سانتوسنى قوشۇۋالدى. يېقىندا 30 مىليون ياۋرو خەجلەپ سېمېدونى قوشۇۋالدى، سېمېدونىڭ توختامىدا يەنە 5 مىليون ياۋرولۇق لەيلىمە ماددا كېلىشىمى بار.