AC مىلان كۇلۇبى بىگىلىيانى كوماندىغا قوشۇۋالدى
0
2017-07-17 15:25:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئورگان تورى خەۋىرى، AC مىلان كۇلۇبى لازىئو كوماندىسىدىن ئارگېنتىنالىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بىگىلىيانى قوشۇۋالدى، ئىككى تەرەپ ئۈچ يىللىق توختام تۈزدى.

«كەچلىك پوچتا گېزىتى» ۋە «مىلان تەنتەربىيەسى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ACمىلان كۇلۇبى لازىئوغا 17 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى تۆلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، توختامدا يەنە ئۈچ مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى قوشۇمچە مۇكاپات شەرتى قوشۇلغان. «مىلان تەنتەربىيەسى گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، توپچىنىڭ مائاش تەمىناتى جەھەتتە، AC مىلان بىگىلىيانى ئۈچ يىللىق توختام بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، باجدىن كېيىنكى يىللىق مائاشى 3.5 مىليون ياۋرو بولغان. ئىگەللىنىشىچە، بىگىلىيانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پاسپورتى بولغاچقا، AC مىلان كوماندىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە ئەمەس توپچى سانىنى ئىگەللىمەيدىكەن.

بىگىلىيا ئارگېنتىنا ياشلىرى كوماندىسىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش مەركىزىدىن يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ ئارگېنىتىنا مۇستەقىل كوماندىسى ۋە ئاندېرلېچت كوماندىسىدا توپ تەپكەن. لازىئو كوماندىسى 2013-يىلى يازدا ئۇنى ئاندېرلېچت كوماندىسىدىن يۆتكەپ كەلگەن. 2016/2017-مۇسابىقە پەسلىدە، 31 ياشلىق بىگىلىيا لازىئوغا ۋاكالىتەن 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بەش توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.