يارايسىلەر يىگىتلەر، غەلىبە سىلەرگە مەنسۇپ
0
2017-08-11 19:11:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرى U18 كوماندىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 3 – لىككە ئېرىشكەن شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى تىرېنېر، پۇتبولچىلار 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. شۇ كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچى دىيوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈتۈش زالى ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان كىشىلەر بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان كىشىلەر ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رەھبەرلىرى، تىرېنېرلار، پۇتبولچىلار، شۇنداقلا پۇتبولچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە پۇتبول مەستانىلىرى بار ئىدى.

ھاياجانلانغان كىشىلەر ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان پىلاكاتنى بالدۇرلا ئېچىپ تۇرغانىدى، بۇ پىلاكات ۋە گۈل دەستىلەر ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ئىشلارغا قىزىققان كىشىلەر پىلاكات كۆتۈرۈۋالغان، فوتو ئاپپارات ئېسىۋالغان، گۈل دەستە تۇتقانلاردىن كىملەرنى ساقلاۋاتقانلىقىنى سورىدى ۋە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پۇتبولچىلارنىڭ تيەنجىندىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ بارىكاللا ئېيتىشتى.

شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3 – لىكنى قولغا كەلتۈرۈشى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەتىجە ئوڭاي قولغا كەلگەن ئەمەس. شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە شەندۇڭ كوماندىسىنى 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەندىن كېيىن، ئىككىنچى مەيداندا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. سىچۈەن كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە جاپالىق بولدى، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا توپ كىرگۈزەلمەي، نۇقتا توپ جېڭى قىلدى، ئەپسۇس شىنجاڭ كوماندىسى 5كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسى 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى يەنە شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، تۇنجى مەيداندىكى مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق يەكۈنلىگەن شەندۇڭ كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاۋۋال بىر توپ كىرگۈزدى، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى پۇتبولچى يىگىتلەرنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرالمىدى، شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. بۇ نەتىجە مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ئۆزگەرمەي، ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ جېڭى قىلدى، شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرىدا 3كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

شىنجاڭ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك شاڭخەي كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن شاڭخەي كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە كەسكىن داۋاملاشتى، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلار گەرچە بىر قانچە قېتىم شاڭخەي كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ۋاراتارغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسى 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن 3 – لىكنى تالاشتى، شىنجاڭ كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى يەڭدى.

پۇتبولچىلىرىمىز مۇسابىقىدە سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، بۇ مۇسابىقىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبولچىلارغا، كوماندىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول كوماندىسىغا ئايلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، – دېدى شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پەرھات ئەزىمەت، – بۇ نەتىجە ئوڭاي قولغا كەلمىدى، بۇ نەتىجىگە كوماندىمىزدىكى ھەممە تىرېنېر، پۇتبولچىلارنىڭ قان – تەرى سىڭگەن.

شاڭخەي كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى پۇتبولچى يىگىتلەرنى تولىمۇ بىئارام قىلدى، ئەمما بۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى پۇتبولچى يىگىتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك زۆرۈر بەدەل بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ماھارەت ۋە تاكتىكا جەھەتتىكى بەزى ئاجىزلىقلىرىنى يەكۈنلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئېرپان ھېزىم شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، ئۇ شاڭخەي كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەنىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى پۇتبولچى يىگىتلەر ھەممە مۇسابىقىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپتۇ، بىراق بۇ جەرياندا كوماندىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنىمۇ بايقاپتۇ.

يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تاكتىكا ۋە ماھارەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىمىزنى ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا مۇداپىئە سېپىمىزدە بەزى يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق. گەرچە چېمپىيون بولۇش ئارزۇيىمىزغا يېتەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى يېڭى نەتىجىنى ياراتقانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن تەجرىبە – ساۋاقلارنى ياخشى يەكۈنلەپ، كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىمىز، دېدى ئېرپان ھېزىم.

شىنجاڭ U18 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پەرھات ئەزىمەت 2013 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 4 – لىكنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق رېكورتنىڭ شاھىتى بولغان بۇ باش تىرېنېر چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن سەل ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، ئەمما پۇتبولچى يىگىتلەرنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى ئىپادىسىدىن رازى ئىدى.

پۇتبولچى يىگىتلىرىمىز مۇسابىقىلەردە سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، كوماندىمىز گەرچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياخشى چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، دېدى پەرھات ئەزىمەت، – ئىسسىق – سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن كوماندا ھەقىقىي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بۇ مۇسابىقىلەردە كەتكۈزۈپ قويغان نۇقتىلىرىمىزنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرساق، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

ئەكبەر ئىسمائىل