پارىژ مىباپپې ئۈچۈن 155 مىليون باھا قويدى، لېكىن موناكو رەت قىلدى
0
2017-08-11 19:15:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

داڭلىق پۇتبول يۆتكىلىش مۇتەخەسىسى دىمارزىئونىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پارىژ سانت گېرمان ئاللىبۇرۇن مىباپپېغا 155 مىليون ياۋرو باھا قويغان بولۇپ، لېكىن بۇ باھا موناكونىڭ مىباپپېغا بېكىتكەن باھاسىغا يېتەلمىگەن.

دىمارزىئونىڭ شەخسىي تور بېكىتىدىكى خەۋەردە بىلدۈرىلىشىچە، نېيمارنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، پارىژ سانت گېرمان مىباپپې ئۈچۈن موناكوغا 155 مىليون ياۋرو باھا قويغان بولۇپ، لېكىن موناكو 200 مىليون ياۋروغا ئېرىشمەكچى بولغان. ھازىر ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغان بولۇپ، مىباپپېنىڭ دادىسىمۇ بۇ سودىدىن كۆڭۈلدىكىدەك كىرىمغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان.

بۇندىن بۇرۇن، ماركا گېزىتى ئىككى كۇلۇبنى مىباپپېنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن كۆپ ساندىكى فرانسىيە تاراتقۇلىرى ئىككى تەرەپنىڭ تېخى بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مىباپپې 1998-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسكىدە، موناكوغا ۋاكالىتەن 44 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، جەمئىي 26 توپ كىرگۈزگەن، ھەمدە 8 ياردەمچى پاس چىقارغان.