مىلان فالكاۋغا 30 مىليون ياۋرو باھا قويدى
0
2017-08-11 19:17:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

فرانسىيە تاراتقۇسى «فرانسىيە پۇتبولى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موناكو كۇلۇبىنىڭ كاپىتانى، كولومبىيەلىك ھۇجۇمچى فالكاۋ مىلاننىڭ نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، لېكىن موناكو بۇ توپچىنى قولدىن چىقىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«فرانسىيە پۇتبولى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، AC مىلاننىڭ بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدىكى ھەرىكىتى تېخى ئاياغلاشمىغان بولۇپ، بېنزىما، بېللوتى، كالىنىچ، ئاۋبامېياڭ ۋە موراتالاردىن كېيىن، فالكاۋمۇ مىلاننىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى يېڭى نىشانىغا ئايلانغان. ئۇندىن باشقا، مىلان ئاللىبۇرۇن فالكاۋغا 30 مىليون ياۋرو باھا قويغان بولۇپ، لېكىن موناكو مىلاننىڭ بۇ باھاسىنى رەت قىلغان.

بۇ يىل يازدا، 31 ياشلىق فالكاۋ بىلەن موناكو 2020-يىلىغىچە توختام ئۇزارتقان بولۇپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ، فالكاۋ موناكونىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان، ھەمدە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە پارىژ سانت گېرماننىڭ «ھۆكۈمرانلىقى» نى بۇزۇپ تاشلاپ، فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.