پەخىرلىك بوكسچىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ ھەل قىلغۇچقا كىردى
0
2017-08-11 19:18:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس تۈرى 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە تيەنجىن شەھىرى باۋدى رايونى باۋدى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 34 ۋەكىللەر ئۆمىكى، 231 بوكس تەنھەرىكەتچىسى، ئەرلەر 10 تۈرلۈك ئېغىرلىق دەرىجىسىدە، ئاياللار بەش تۈرلۈك ئېغىرلىق دەرىجىسىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر 69 كىلوگراملىقلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئاسىيا بوكىس چېمپىيونى، ئولىمپىك ئەزىمىتى، دۆلىتىمىز بوكىسچىلىقىغا زور شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىدىكى پەخىرلىك ئەزىمىتىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ كونا رەقىبى خۇبېي كوماندىسىدىكى ليۇ ۋېي بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، 0:5 نەتىجىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ليۇ ۋېينى مەغلۇپ قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

بۇ قېتىملىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ 0:5 نەتىجە بىلەن ليۇ ۋېينى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىچكى مۇڭغۇل ماھىرى خۇرچا بېلگ بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە بۈگۈن يەنى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7 دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى بوكس تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، مەمەتتۇرسۇن بىر يېشى چوڭ ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 3 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، شۇنداقلا ھەممىسىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۇنىڭ تۆتىنچى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مەمەتتۇرسۇن ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، گەرچە بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلالايدىغىنىغا ئىشىنىدۇ. بىزمۇ ھەم ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

ئۇندىن باشقا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋەكىل بولۇپ بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان «95 يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ياش بوكسچى 75 كىلوگراملىقلار ماھىرى توختاربېك ۋە 91 كىلوگراملىقلار ماھىرى ئەخمەت مەمەتلەرمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسى 11-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىز پەخىرلىك ئوغلانىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ باشچىلىقىدىكى بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. غەيرەت قىلىڭلار، ئەزىمەتلەر!!!