ئۆزىل ئارسېنالدىن ئايرىلماقچى
0
2017-09-13 15:40:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر باشلانغاندىن بۇيان ئارسېنالنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس، ESPNنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلەر يىلى يازدا توختامى ئاخىرلىشىدىغان گېرمانىيەلىك توپچى ئۆزىل سانچېز بىلەن بىرلىكتە ئارسېنالدىن ئايرىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

سانچېزنىڭ ئارسېنالدىن ئايرىلىشى ئېنىق بولۇپ قالدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە، ئۆزىل روژىستوۋو بايرىمىدىن ئىلگىرى ئارسېنال بىلەن توختام ئۇزارتىدۇ دېيىلگەن، بىراق گېرمانىيە «سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىل بىلەن ئارسېنالنىڭ توختام ئۇزارتىش سۆھبىتى بۇ يىل 2-ئايدا نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئارسېنال ھازىرغىچە ئۆزىل بىلەن قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئارسېنال ئۆزىلنىڭ ھەپتىسىگە 250 مىڭ فوندستېرلىڭلىق مائاش تەلىپىگە قوشۇلمىغان، شۇڭا ۋېنگېر ئۆزىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمىسە، گېرمانىيەلىك بۇ توپچى 1-ئايدا باشقا كۇلۇبقا يۆتكىلىدىكەن.