ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچى: چېلسى 0:6 ئەزەربەيجان قاراباغ
0
2017-09-13 16:24:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى. C گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە چېلسى ساھىبخان مەيداندا ئەزەربەيجان قاراباغ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ۋېليامنىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن پېدرو بىر توپ كىرگۈزدى، زاپاكوستا يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى يۇقۇرىلاتتى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، فابرىگاسنىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن ئازپىلىكۈيتا بىر توپ كىرگۈزدى، ۋېليامنىڭ تەپكەن توپى گارغا تەگدى، باكايوكو بىر توپ كىرگۈزدى ۋە باتشۇئايىنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا ياردەمچى پاس چىقاردى، ئارقىدىن زاپاكوستانىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن باتشۇئايى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا، چېلسى ساھىبخان مەيداندا 0:6 نەتىجە بىلەن ئەزەربەيجان قاراباغنى مەغلۇپ قىلدى.