ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچى: بايرېن مىيۇنخېن 0:3 ئاندىرلېخىت
0
2017-09-13 16:26:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى. B گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا ئاندىرلېخىتنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، لىۋاندوۋىسكى بىر نۇقتا توپ كىرگۈزدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، تىياگو ۋە كىممىچ ئارقا-ئارقىدىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا، بايرېن 0:3 نەتىجە بىلەن ئاندىرلېخىتنى مەغلۇپ قىلدى.