بۇففون ئىتالىيەنىڭ تەنتەربىيە مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىن
0
2017-10-13 09:03:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يۇۋېنتۇس ۋە ئىتالىيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى بۇففون كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئورۇنلىشىدىغان بىر خىزمەت تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئەگەر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، بۇففون ئىتالىيەنىڭ تەنتەربىيە مىنىستىرى بولىدىكەن.

كۆپلىگەن مەستانىلەر ۋە تاراتقۇلار بۇففوننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە بۇففون نەق 40 ياشقا كىرىدۇ.

كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇففوننىڭ مەشقاۋۇل بولۇش مۇمكىنچىلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، لېكىن كۆپلىگەن تاراتقۇلار ئۇنىڭ يۇۋېنتۇس يۇقىرى قاتلىمىغا كىرىشى مۇمكىنلىقىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، ئۇنىڭ يەنە بىر تاللىشى كۆپەيگەن.

ئېگىلىنىشىچە، يېقىندا بۇففون كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ۋەزىپىگە ئورۇنلىشىدىغان بىر تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ تەكلىپتە ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ئىكەنلىكى يېزىلغان.