ئابىدال: مىباپپېنىڭ ئالتۇن توپقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
0
2017-10-13 09:04:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

سابىق بارسېلونا توپچىسى ۋە فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئابىدال يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئۇ مىباپپېنىڭ كەلگۈسىدە ئالتۇن توپقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«مېنىڭچە، مىباپپې پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. بۇ ئۇنىڭ چوقۇم يېتىشى كېرەك بولغان دەرىجىسى، چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق تالانتتى بار.»

«ئۇ تېخى 18 ياش، پارىژ سانت گېرمان بۇ ياشتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىغا ئېرىشتى، ئۇ شانلىق كەسپىي ھاياتقا لايىق، لېكىن ئۇ چوقۇم داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك. تالانتتى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ چوقۇم كۈندىلىك مەشىق جەريانىدا داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك.»

«نېيمار ۋە باشقا قالتىس توپچىلار بىلەن سەپداش بولغاندىن كېيىن، مىباپپې ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ.»

مەن ۋە مىباپپې ئوخشاشلا فرانسىيەلىك، شۇڭا مەن ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشىشىنى، ئۇندىن باشقا يەنە ئالتۇن مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.