ئىبراھىموۋىچ ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن
0
2017-10-13 09:10:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

«ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، مانچېستىر بىرلەشمىسى ھۇجۇمچىسى ئىبراھىموۋىچ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىبراھىموۋىچ بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلى توختام ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا تاماملانغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندا مورىنھو ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يىل ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغان. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، ئىبراھىموۋىچ مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن جەمئىي 28 توپ كىرگۈزگەن.

گەرچە ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىبراھىموۋىچنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ئەسلىدىكىدىن ئىنتايىن تېز بولغان، ئۇ روژدېستۋو بايرىمىدىن ئىلگىرى مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن، ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقە بولسا، ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئىبراھىموۋىچ مۇنداق دېگەن: «ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن كۈندە مەشىقنى توختاتمىدىم، بىر كۈنمۇ دەم ئالمىدىم.»

«بۇ بىر سىناق، لېكىن مەن بۇنداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمەن. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىنى نىشانلىغان بولسام، ئۇنداقتا ھېچكىم مېنى توسىيالمايدۇ.»