ئورگان تورى: روببېن گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى
0
2017-10-13 09:11:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

روببېن گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى. بۈگۈن سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقسىىدە، گەرچە گوللاندىيە 0:2 نەتىجە بىلەن شۋېتسىيەنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.

2003-يىلى، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن روببېن تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغاندا، ھەمدە شۇ يىلى 4-ئايدا پورتۇگالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ، دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىغان.

ھازىرغىچە، ئۇ گوللاندىيەگە ۋاكالىتەن 96 قېتىم مەيدانغا چۈشۈپ، 37 توپ كىرگۈزگەن ۋە 29 ياردەمچى پاس چىقارغان. ئۇ ھازىر گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچىلار قاتارىدا 9-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە 4-ئورۇنغا چىققان.

روببېن 2004-يىللىق، 2008-يىللىق، 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا، 2006-يىللىق، 2010-يىللىق، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ھەمدە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچىنچىلىككە ۋە شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مېس توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شۋېتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن، روببېن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىق مېنى ئازابلايدۇ، لېكىن بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر قىسمى. ھازىر مەن دىققىتىمنى كۇلۇبقا قاراتماقچى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشئىلىنى ياش توپچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋاقىت بولدى.»