ئىتالىيە 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمىدى
0
2017-11-14 17:39:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 دە، دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايونى قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقە ئىتالىيە بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ئىتالىيە ئىككى قېتىم چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قول توپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھۆكۈم قىلىمىدى، ئىمموبىلېنىڭ ئىنتايىن قالتىس بولغان بىر توپى قارشى تەرەپ تەرىپىدىن چىقىرىۋېتىلدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى. ئاخىرىدا، تۇنجى ئايلانمىدا 1:0 نەتىجە بىلەن شۋېتسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىتالىيە، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قىلىپ، 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمىدى.

W020171114487754922715.jpg
W020171113371751262733.jpg
W020171113371473283003.jpg
1121941083_15104898768741.jpg