كىرىستىيانو رونالدو يەنە بىر ئامراق قىزىنى كۈتىۋالدى
0
2017-11-14 17:41:00
|
مەنبەسى:شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئىسپانىيە ۋاقتى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، كىرىستىيانو رونالدو مادرىدتىكى Universitario Quirón de Madrid دوختۇرخانىسىدا ئامراق قىزى ئالانا مارتىنانى كۈتىۋالدى. شۇ كۈنى 21:15 ئۆتكەندى، رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئامراق قىزىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۆزىنىڭ خۇشاللىنارلىق بۇ پەيتىنى ھەمبەھىرلىگەن.

رەسىمدە، كىرىستىيانو رونالدو مىكروبسىز كىيىم كىيگەن ھالەتتە قىز دوستى گېئورگىنانىڭ يېنىدا تۇرغان بولۇپ، ئوغلى سانتوسنىڭ چىرايىدىنمۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقى چىقىپ تۇرغان. ئەمدىلا تۇغۇلغان ئامراق قىزىمۇ، گېئورگىنانىڭ قوينىدا ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھەممى ئىنتايىن خۇشال بولغان.

كىرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېگەن: «ئالانا مارتىنا ئەمدىلا تۇغۇلدى، گېئورگىنا ۋە ئالانا ئىنتايىن ياخشى، بىز ئىنتايىن خۇشال!» ئۇ يەنە بىر يۈرەك ئىپادىسىنى قوشۇپ قويغان.

بۇ كىرىستىيانو رونالدونى تۆتىنچى بالسى بولۇپ، گېئورگىنانىڭ بىرىنچى بالىسى. كىرىستىيانو رونالدونىڭ چوڭ ئوغلى سانتوس بۇ يىل 7 ياش بولۇپ، پورتۇگالىيەلىك بۇ گىگانت چولپاننىڭ يەنە ئىۋا ۋە ماتىئو ئىسىملىك قوشكېزەك بالىسى بار.

 

W020171114487754922715.jpg
W020171113371751262733.jpg
W020171113371473283003.jpg
1121941083_15104898768741.jpg