بارسېلونا كوماندىسى لاپورتېنى قوشۇۋالماقچى
0
2017-11-25 12:13:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئىسپانىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا ئىچكى قىسمىدا بىلباۋ رىقابەت كوماندىسىنىڭ بىكى لاپورتېنى قوشۇۋېلىش ياكى قوشۇۋالماسلىق توغرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن.

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمى لاپورتېنى كوماندىنىڭ مۇھىم قوشۇۋېلىش نىشانى قىلىپ بېكىتكەن، ئەمما كوماندا مەشقاۋۇلى ۋالۋېرد ئۆزىنىڭ كونا ئائىلىسى بىلباۋ رىقابەت كوماندىسىدىن توپچى قوشۇۋېلىشنى خالىمايدىكەن.

ۋالۋېرد بىلەن لاپورتېنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ فىرانسىيەلىك توپچى ئىلگىرى ۋالۋېردنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن مانچېستېر شەھىرىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، بىلباۋ رىقابەت كوماندىسىدا قىلىپ قالغان ئىكەن.

لاپورتېنىڭ نۆۋەتتىكى بىلباۋ رىقابەت كوماندىسى بىلەن بولغان توختام بۇزۇش سوممىسى 65 مىليون ياۋرو بولۇپ، بۇ سومما كېلەر يىلى يازغا بارغاندا 75مىليون ياۋروغا ئۆرلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپنىڭ توختامى بولسا 2020-يىلى توشىدۇ.

بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن لاپورتې 2010-يىلى بىلباۋ رىقابەت ياش ئۆسمۈرلەر تەربىيەلەش بازىسىغا كىرگەن، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى بىرىنچى سەپ كوماندىدىكى مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغان.

بۇنىڭدىن باشقا كەسپى بىك بولۇش سۈپىتى بىلەن لاپورتې بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە 12 قېتىم مەيدانغا چىققان، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە سالاھىيەت مۇسابىقىلىرىدە ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ۋە تۆت قېتىم مەيدانغا چىققان.