بېلوتتى: يۈز مىليون ياۋرو ماڭا بېسىم ئىلىپ كېلەلمەيدۇ
0
2017-11-25 12:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يېقىندا، تۇرىن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بېلوتتى «كەچلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دۇنيا لوڭقىسى:

قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ۋېنتۇرا ماڭا نېمە دېدى؟ مەن بۇنى دېيەلمەيمەن، ئەمما ئۇنتۇپمۇ كېتەلمەيمەن. شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن كوماندىدىكى ھەر بىر ئادەم ئىنتايىن قايغۇردۇق، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە نۇرغۇن ئادەم ياش تۆكتى، كۆپلىگەن ئىتالىيە خەلقىمۇ ھەم شۇنداق.

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى:

بىز ئالدىنقى پەسىلدىكى ئاتلانتا كوماندىسىغا قاراپ باقايلى، ئۇلار بىر مەزگىل ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا يېقىنلاشقان ئىدى، كىشىلەرمۇ ئۇلارنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ قارىغان ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا ئۇنداق بولمىدى. نۆۋەتتە تورىن كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى نىشانى بولسا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ نىشانغا يەتكەندىن كېيىن بەلكىم بېز تېخىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىيەلىشىمىز مۇمكىن، مەندە ئىزچىل شۇنداق ئارزۇ مەۋجۇت (ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش).

مېنىڭ مەشقاۋۇل مىخاجلوۋىچ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى، بىز ئىزچىل ئۆز-ئارا ئىشىمىز.

يۈز مىليون ياۋرو توختام بۇزۇش سوممىسى:

ئەينى ۋاقىتتا مەن تۇرىن كۇلۇبى بىلەن توختام ئۇزارتقان ۋاقتىمدا، يېڭى توختامغا بۇ مەزمۇنلار قوشۇلغان. مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمايمەن.

توپ كىرگۈزۈش؟ بۇندىن بۇرۇن مەن يارىلانغانلىقىم ئۈچۈن بىر ئاي ئارام ئالدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزاققا قالماي يەنە بىر قېتىم توپ كىرگۈزەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.