مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇدا 38 ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولمىدى
0
2017-11-25 12:16:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بۈگۈن كەچتە مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا دەرىجە ئۆرلەپ چىققان بىرايتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى كونا تىراففورد مەيدانىدا 38 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدى.

ئالدىنقى قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويغان ۋاقتىنى يەنىلا ئۆتكەن يىل 9-ئايدىكى «مانچېستېر دېربىسى»دىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلار ساھىبخان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار 38 قېتىملىق ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدە، 27 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 11 مەيدان تەڭلىشىشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتقان. نۆۋەتتە مانچېستېر بىرلەشمىسى 12 ئايلانما مۇسابىقىدە 26 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.