ۋالېنسىيا كۇلۇبىنىڭ سابىق رەئىسى ئالەمدىن ئۆتتى
0
2017-11-25 12:23:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ۋالېنسىيە كۇلۇبى ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، كۇلۇبنىڭ سابىق رەئىسى جائۇمې ئورتىنىڭ ئۆپكە راكى سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇيىل دەل 70 ياشتا ئىدى.

نەچچە ئاي بۇرۇن ئورتىغا ئۆپكە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇ جاي ۋاقتى بۈگۈن قورقۇنچلۇق راك كېسىلى ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەي بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ۋالېنسىيە كۇلۇبىنىڭ باياناتى:

ۋالېنسىيە كۇلۇبىمىز سابىق رەئىس جائۇمې ئورتىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەڭ سەمىمىي تەزىيەرىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز ئىزچىل ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يەردە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئورتى 2001-يىلىدىن باشلاپ 2004-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋالېنسىيە كۇلۇبىنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن، بۇ جەرياندا كوماندىنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىككى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا يەنە، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ۋە بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئورتى ھەقىقەتەن شۇ ۋاقىتتىكى كۇلۇبنىڭ تۆھپىكار رەئىسى ئىدى.