پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە ھازىرقى يۆتكىلىش باھاسى سېلىشتۇرمىسى
0
2018-01-11 17:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

5 چوڭ بىرلەشمىنىڭ قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كوتىنھونىڭ يۆتكىلىش باھاسى يەنە بىر قېتىم پۇتبول ساھەسىنى تىترىتىۋەتتى. كوتىنھونىڭ يۆتكىلىش ھەققى 120 مىليون ياۋرو، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى دەل ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى نېيمار.

نۇرغۇن مەستانىلەر ئىلگىرى 50 مىليونغا نۇرغۇن داڭلىق توپچىلارنى ۋە ھۇجۇمچىلارنى قوشۇۋالغىلى بولاتتى دەپ ئويلىشى مۇمكىن؟ لېكىن ھازىر 50 مىليون ياۋروغا ئۇنداق داڭلىق ھۇجۇمچىلارنى ياكى توپچىلارنى قوشۇۋېلىش تەسكە توختاپ كەتتى.

ئۇنداقتا بىز توپچىلارنىڭ ھازىرقى باھاسى بىلەن بۇرۇنقى باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:

ئىسمى: ئوسمان دېمبېلې

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2017-يىلى 8-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 105 مىليون ياۋرو

بۈگۈنكى باھاسى: 105 مىليون ياۋرو

ئىسمى: پوگبا

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2016-يىلى 9-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 105 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 109 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

2016-يىلى پوگبا يۇۋېنتۇس كۇلۇبىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توپچىغا ئايلانغان ئىدى.

ئىسمى: كىرىستىيانو رونالدو

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2009-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 94 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 121 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

2009-يىلى كىرىستىيانو رونالدو 8 يىلدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قىممەت يۆتكىلىش ھەققىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.

ئىسمى: بېل

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2013-يىلى 9-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 105 مىليون ياۋرو

بۈگۈنكى باھاسى: 105 مىليون ياۋرو

ئەينى چاغدا تۇنجى بولۇپ 100 مىليون ياۋرولۇق توپچىلارنىڭ باھاسىنى ياراتقان توپچى.

ئىسمى: ھېگۇائىن

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2016-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 90 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 94 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: نېيمار (بارسېلوناغا قوشۇلغان)

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2013-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 88 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 97 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

يۆتكىلىش ھەققى 220 مىليون ياۋروغا يەتكەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توپچىنىڭ ئەينى چاغدىكى بارسېلوناغا يۆتكەلگەن ۋاقىتتىكى باھاسى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئىسمى: سۇئارېز

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2014-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 81 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 88 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: ئىبراھىموۋىچ

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2009-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 69 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 89 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: زىدانى

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2001-يىلى 8-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 77 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 121 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: كاكا

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2009-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 65 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 84 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: رونالدو

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2002-يىلى 8-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 45 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 70 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: فېگو

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2000-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 60 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 97 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

ئىسمى: بۇففون

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2001-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 52 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 84 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

دۇنيادىكى يەنىلا ئەڭ قىممەت قاپقىچى

ئىسمى: ۋېيېرى

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 1999-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 46 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 77 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

بۇ 90-يىللاردىكى ئەڭ قىممەت يۆتكەلگەن توپچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئىسمى: فېردىناند

يۆتكەلگەن ۋاقتى: 2002-يىلى 7-ئاي

يۆتكىلىش ھەققى: 46 مىليون ياۋرو (بۈگۈنكى كۈندە 72 مىليون ياۋروغا باراۋەر)

123123.jpg