بارسېلونا توپچىسى ئاردا تۇران 48 سائەت ئىچىدە ئىستانبۇلغا قوشۇلىدۇ
0
2018-01-11 17:28:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاردا تۇراننىڭ كەلگۈسى ئاخىرى ئايدىڭلاشقان، ئۇنىڭ 48 سائەت ئىچىدە ئىستانبۇلغا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرىكەن. ئىستانبۇل باشاقشەھەر كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بارسېلونادا تۇراننىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىنى سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئىستانبۇل تۈنۈگۈن كەچتىلا ئورگان تورىدا ئاردا تۇران بىلەن شەخسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بارسېلونا تەرەپ يەنە بەزى تەپسىلاتلار توغرىسىدا سۆھبەتلەشىشكە مۇھتاج ئىكەن.

ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئىختىلاپى توپچىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى، بارسېلونا تۇراننىڭ يۆتكىلىش ھەققىدىن بىر قىسىم مەبلەغكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونا 35 مىليون ياۋرو سەرىپ قىلىپ، بۇ تۈركىيەلىك توپچىنى قوشۇۋالغان، كۇلۇب ئاز بولغاندىمۇ 20 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بارسېلونا ئىستانبۇلنىڭ ياكى باشقا كۇلۇبلارنىڭ بۇ باھانى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئىستانبۇل تەرەپ ئاۋۋال ئىجارە ئېلىش، ئارقىدىن سېتىۋېلىشتەك لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار كېيىنكى يېرىم پەسىلدە تۇراننىڭ مائاشىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان بولۇپ، 7-ئايدا سېتىۋېلىش ماددىسىنى قوشماقچى بولغان.

شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى كۇلۇب كەلگۈسى 48 سائەت ئىچىدە بىردەكلىككە كېلىدىكەن، بۇ تاراتقۇلارنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، تۇراننىڭ ئىجارە توختامىدىكى سېتىۋېلىش ماددىسىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرگە ئىگە بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولۇپ، بۇ بارسېلونانىڭ تەلىپىكەن. ئىستانبۇل تەرەپ سېتىۋېلىش ھەققىنى سەككىز مىليون ياۋرو ئەتراپىدا كونتىرول قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.