خانلىق مادرىد بىر قانچە تۈرلۈك ئوڭايسىز رېكورتلارنى ياراتتى
0
2018-01-11 17:40:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بۈگۈن سەھەردىكى شاھلىق لوڭقىسىدا، خانلىق مادرىد 2:2 نەتىجىدە نۇمانسىيا بىلەن تەڭلىشىپ، 2:5 ئومۇمىي نەتىجىدە سەككىز كۈچلۈككە كىردى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد يەنە بىر ئوڭايسىز رېكورت ياراتتى.

شاھلىق لوڭقىسى 16 كۈچلۈككە كىرىش بېرنابۇدىكى ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا، ئۇلار ئوخشاش نەتىجىدە فۇئېنلابرادا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغانىدى، بۈگۈن سەھەردىكى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ھېسابلىغاندا، ئىككى تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى بۇ ئىككى كوماندا بېرنابۇدا مەغلۇپ بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇمۇ 88 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بۇنداق ھالەت شەكىللەنگەن ۋاقىت 1930-يىلى، شۇ چاغدا 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى پاترىيا ئاراگون كوماندىسى ۋە ئەينى چاغدا تېخى ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى ۋالېنسىيا بېرنابۇدا مەغلۇپ بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇمۇ خانلىق مادرىدنىڭ 116 يىللىق كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر پەسىلدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئىككى كوماندىغا ئاز دېگەندە ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويۇشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن نۇمانسىيا توپچىسى گىلېرمو 66 يىلدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كوماندا توپچىسىنىڭ بېرنابۇدا ئىككى توپ كىرگۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئالدىنقى قېتىم بۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنى 1952-يىلىدىكى خانلىق ئوۋېئادو كوماندىسى توپچىسى تونىي ئىدى.