بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولماقتا
0
2018-01-12 17:28:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

رونالدو بۇ پەسىل ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن 289 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلغان، بۇ ئۇنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن باشلاپ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ ناچار بولغان بىر پەسىل ھېسابلىنىدۇ.

رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، بۇ پەسىل رونالدونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئاۋالقى پەسىلىدىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن.

2009/2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسىلدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ھەر 90 مىنۇتتا بىر توپ ئەتراپىدا ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئالدىنقى پەسىل رونالدو بىرلەشمىدە ھەر 102 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزگەن ئىدى. بىراق بۇ پەسىل 289 مىنۇت ۋاقت كەتكەن.

1122246747_1515676968895_title0h.jpg
1122246752_1515677077342_title0h.jpg