بارسېلونا شاھلىق لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى
0
2003-09-05 00:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 2:30دە، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇنجى ئۇچرىشىشتا ۋالېنسىيەنى 1-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلغان بارسېلونا بۈگۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇندىن بۇرۇن يارىلاندى دېيىلگەن پىك تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئوسمان دېمبېلى ۋە ۋېرمالېن يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكتىن تىزىملىككە كىرەلمىگەن.

بارسېلونانىڭ توپچىلار تىزىملىكى:

قاپقىچىلار: 1-تېرسىتېگېن، 13-سىلېسسېن؛

بېكلار: 2-سېمېدو، 3-پىك، 18-ئالبا، 20-روبېرتو، 22-ئالېكىس ۋىدال، 23-ئۇمتىتى، 24-مىنا؛

ئوتتۇرا مەيدان: 4-راكىتىچ، 5-بۇسكېس، 8-ئىنېستا، 14-كوتىنھو، 15-پاۋلىنھو، 21-ئاندىرى گومېز؛

ھۇجۇمچىلار: 9-سۇئارېز، 10-مېسسى، 17-پاكو ئالكاسېر؛

W020180206569996836664.jpg