ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى مەيدە ئېلان ھەققى ئەڭ يۇقىرى كۇلۇبلار
0
2018-02-09 14:33:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

يېقىندا، ئىتالىيە «خەۋەرلەر گېزىتى» ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنىڭ مەيدە ئېلانى كىرىمىگە قارىتا سىتاتىستىكا ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئالتە كۈچلۈك كوماندا بۇ تىزىملىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالدىنقى ئون كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرگەن.

بۇ تىزىملىكتىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى كوماندىلىرى ئىچىدە، مانچېستېر بىرلەشمىسى 1-ئورۇندا تۇرغان، Chevrolet ئاپتوموبىلى ھەر مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىگە 71 مىليون ياۋرو قىممىتىدە مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدۇ. يەنە بىر كوماندا چېلسى 3-ئورۇندا تۇرغان، yokohama ھەر مۇسابىقە پەسلىدە چېلسىغا 55 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدۇ. ئارسېنال 4-ئورۇندا تۇرغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھەر مۇسابىقە پەسلىدە ئارسېنالغا 40 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدۇ. مانچېستېر شەھىرى بىلەن لىۋېرپول 8-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئاتىھاد ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ستاندارد چارترېت بانكىسى ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر مۇسابىقە پەسلىدە 27 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدۇ. AIA ھەر مۇسابىقە پەسلىدە 21 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدىغان توتتېنھام 10-ئورۇندا تۇرغان.

ئۇندىن باشقا، بارسېلونا ھەر مۇسابىقە پەسلىدە RFKUTENنىڭ 61 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققىگە ئېرىشىپ، بۇ تىزىملىكتە 2-ئورۇندا تۇرغان، گېرمانىيە تېلېگرافىنىڭ 33 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققىگە ئېرىشكەن بايرېن ميۇنخېن 5-ئورۇندا، خانلىق مادرىد ھەر مۇسابىقە پەسلىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 32 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققىگە ئېرىشىپ 6-ئورۇندا، پارىژ سانت گېرمان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 28 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققىگە ئېرىشىپ 7-ئورۇنغا تىزىلغان.

ئىتالىيە كۇلۇبلىرى جەھەتتە، Jeep يىلىغا 21 مىليون ياۋرولۇق مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدىغان يۇۋېنتۇس توتتېنھام بىلەن بىرگە 10ئورۇندا تۇرغان، Pirelli خەلقئارا مىلانغا 10 مىليون 100 مىڭ ياۋرو مەيدە ئېلان ھەققى تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مىلانغا تاپشۇرىدىغان مەيدە ئېلان ھەققى 10 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

W020180206569996836664.jpg