​بارسېلونا ۋە سېۋىللا يېڭى ئەسىردە 6-قېتىم ھەل قىلغۇچتا ئۇچراشتى
0
2018-02-09 16:09:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بۈگۈن سەھەر بارسېلونا رەقىبىنى شاللاپ بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا قەدەم قويدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى بولسا سېۋىللا كوماندىسى.

ئىككى كوماندا ھەر تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۆپ قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، بارسېلونا نەتىجە جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. 2006-يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، سېۋىللا 0:3 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2010-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، سېۋىللا 1:3 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدا كېيىنكى ئۇچرىشىشىدا 4:0 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 5:3 بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇپ چېمپىيونلۇققى تارتقۇزۇپ قويغان.

2016-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا، بارسېلونا كوماندىسى ئىككى ئۇچرىشىشتا 0:2، 0:3 نەتىجىدە رەقىبىنى «قوش بوغۇزلاپ» چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا 4:5 نەتىجىدە سېۋىللانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇ يىلى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچىدا ئىككى كوماندا يەنە ئۇچرىشىپ، بارسېلونا كالدېرون پۇتبول مەيدانىدا 1:2 نەتىجىدە سېۋىللانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png