ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسى ياپونىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا چېمپىيون بولدى
0
2018-02-10 16:29:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن چۈشتە 2018-يىللىق ياپونىيە «دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا» چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە پەسلىنىڭ «ساماۋىي شاھ لوڭقىسى» چېمپىيونى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسى بىلەن كاۋاساكى ھۇجۇمچى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسى «سايتاما تەنتەربىيە مەيدانى»دا 2:3 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى J1 بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى كاۋاساكى ھۇجۇمچى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇمۇ ھەم «ساماۋىي شاھ لوڭقىسى» چېمپىيونىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا» مۇسابىقىسىدە بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونىنى مەغلۇپ قىلىشى ھىساپلىنىدۇ.

مۇسابىقە باشلىنىپ 26 مىنۇت بولغاندا ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسىدىن كېنيۇ سۇگىموتو سەپدىشى كازۇيا يامامورانىڭ ياردەم پاس چىقىرىشى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە نومۇر پەرقىدە كەينىدە قالغان كاۋاساكى ھۇجۇمچى كوماندىسى ئادەم ئالماشتۇرۇپ تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، كازۇيا يامامورا يەنە ياردەم پاس چىقىرىپ، خىروشى كىيوتاكې بىر توپ كىرگۈزدى، ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسى نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن كاۋاساكى ھۇجۇمچى كوماندىسى بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، يۇ كوباياشى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 78 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسىدىن توشىيۇكى تاكاگى قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى 1:3 قىلىپ ئۆزگەرتتى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا كاۋاساكى ھۇجۇمچى كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسى ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇمۇ ئوساكا نورۇز گۈلى كوماندىسىنىڭ 2018-يىلى يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن «ساماۋىي شاھ لوڭقىسى» چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنكى يەنە بىر چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھىساپلىنىدۇ.

企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png