ئارسېنال ۋاتفوردنى 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى
0
2002-08-09 01:09:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:30دا، 2017/2018-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 30-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خەلىپە مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مۇسابىقىدە ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا ۋاتفورد بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئارسېنالدىن مۇستافې بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئارسېنالدىن ئاۋبامېياڭ ۋە مىكتارىيان بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، ئارسېنال 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.

  مۇسابىقىنىڭ 3-مىنۇتىدا، ئارسېنالدىن ئۆزىل پاس چىقاردى، لېكىن ۋاتفورد قاپقىچىسى ئاۋبامېياڭنىڭ توپىنى توسۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 8-مىنۇتىدا ئارسېنال ئۈستۈلۈككە ئېرىشتى، ئۆزىل پاس چىقىرىپ، مۇستافې كاللا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 26-مىنۇتىدا، چېخ ۋاتفورد توپچىسى رىچاردسېننىڭ ئىختىيارىي توپىنى توسۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 27-مىنۇتىدا، ۋاتفورد قاپقىچىسى ئۆزىلنىڭ توپىنى توسۇۋالدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

  مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا، مۇستافې قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا، ئارسېنالدىن مىكتارىيان پاس چىقىرىپ، ئاۋبامېياڭ بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىدا ۋاتفورد نۇقتا توپقا ئېرىشتى، بىراق چېخ دېنىنىڭ نۇقتا توپىنى توسۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 66-مىنۇتىدا، ۋېلبېك ئېۋوبى بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىدا، ئارسېنالدىن ئاۋبامېياڭ پاس چىقىرىپ، مىكتارىيان بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا، ۋىلشېر مىكتارىيان بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، ئارسېنال 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.

 

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg