چېخ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ 200 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن قاپقىچىغا ئايلاندى
0
2018-03-11 23:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:30دا، 2017/2018-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 30-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خەلىپە مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مۇسابىقىدە ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا 3-0 نەتىجىدە ۋاتفوردنى مەغلۇپ قىلدى. ئارسېنال قاپقىچىسى پېتىر چېخ 85 كۈن ئىچىدىكى 12 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 200 مەيداندا توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى ياراتتى، شۇنداقلا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ 200 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن قاپقىچىغا ئايلاندى.

ئارسېنالنىڭ ئالدىنقى قېتىم بىرلەشمىدە توپ كەتكۈزمىگەن ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، شۇ ۋاقىتتا ئارسېنال 1-0 نەتىجىدە نيۇكاستېلنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارسېنال بىرلەشمىدە ئۇدا 11 مەيدان توپ كەتكۈزۈپ، كوماندا تارىخىدىكى بىرلەشمىدە ئۇدا توپ كەتكۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. چېخ چېلسىدىكى ۋاقىتىدا 162 مەيدان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە توپ كەتكۈزمىگەن، ئارسېنالغا قوشۇلغاندىن بۇيان 37 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن، بۈگۈنكى مۇسابىقىنى قوشقاندا 200 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمەي، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ 200 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن قاپقىچىغا ئايلاندى.

 

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg