مانچېستېر شەھىرىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى: دېبرۇينې
0
2018-05-16 13:14:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

مانچېستېر شەھىرى ئورگان تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بىلگىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دېبرۇينې كوماندىنىڭ 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان.

مانچېستېر شەھىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا كوماندىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن ئۈچ نامزاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دېبرۇينې، داۋىد سىلۋا ۋە سانې قاتارلىق ئۈچ توپچى بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. ئاخىرىدا، بىلگىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دېبرۇينې قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئىككى سەپدىشىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

دېبرۇينې بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 52 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، 13 توپ كىرگۈزۈپ، 21 ياردەمچى پاس چىقارغان، ئۇنىڭ بىرلەشمىدىكى ياردەمچى پاس سانى 16گە يەتكەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ «ياردەمچى پاس شاھى» بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مانچېستېر شەھىرى يەنە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg