OPTA تىزىپ چىققان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
0
2018-05-16 13:01:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

پۇتبول سانلىق مەلۇمات ئاپپاراتى OPTA سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراپ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، سالاھ، دېبرۇينې، خاررى كېن، داۋىد سىلۋا قاتارلىق داڭدار توپچىلار تاللانغان، ئارسېنالدىن بىرمۇ توپچى كىرمىگەن.

بۇ سەپ شەكلى توپچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە مەيداندىكى ھالقىلىق ئىپادىسىگە ئاساسەن تىزىلغان. مەسىلەن، بىر بېك ھالقىلىق پەيتتە قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلغان، لېكىن يەنە باشقا ۋاقىتتا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بۇ توپچىغا نومۇر قوشىدۇ ياكى نومۇر تارتىدۇ. ھۇجۇمچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار كىرگۈزگەن توپ ياكى كىرگۈزەلمىگەن توپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

OPTA تىزىپ چىققان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى:

قاپقىچى: دېھىيا (مانچېستېر بىرلەشمىسى)؛

بېك: ئازپىلىكۇئېتا (چېلسى)، لاسسېللېس (نېۋكاستل)، رۇدىگېر (چېلسى)، روبېرتسون (لىۋېرپول)؛

ئوتتۇرا مەيدان: داۋىد سىلۋا (مانچېستېر شەھىرى)، فېرناندىنھو (مانچېستېر شەھىرى)، ئېرىكسېن (توتتېنھام)، دېبرۇينې (مانچېستېر شەھىرى)، سالاھ (لىۋېرپول)؛

ھۇجۇم: خاررى كېن (توتتېنھام)؛

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg